logo

قىسقىچە تارىخى

ئۇيغۇر تېبابىتى پىشقەدەم مۇتىخەسىس تىۋىبە ساھىپخان تۇردى مۇھەممەد 1960 –يىلى 8- ئاينىڭ 20-كۇنى خوتەن ناھىيسىنىڭ باغچە بازىرى ئەللامە كەنتى خەلىچە مەھەللىسىدە مەرىپەتپەرۋەر تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۇنىڭ دادىسى تۇردىمۇھەممەت ئۆز دەۋرىنىڭ تېبابەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىمى ،يىتۈك ئۇستازى ئىدى .ئۇ دادىسى تۇردىمۇھەممەد ھەكىمنىڭ ئىزنى بېسىپ ئۇيغۇر تىببابىتى داۋالاش ئىلمىنى بېرىلىپ ئۆگەنگەن ،ساھىپخان تۇردى مۇھەممەت كىچىكىدىن باشلاپ ئەقىللق،زېرەك، تېرىشچان بولۇپ، دادىسى تۇردى مۇھەممەتدىن ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىرىيەسى، خام دورىلارنى تونۇش ئىلمى، مۇرەككەپ دورىلارنى ياساش ئىلمىنى،ئادەتتىكى كېسەللىكلەرنى تونۇپ دىئاگنوز قويۇش قاتارلىقلادا دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس سالغان بۇلۇپ تۇردى مۇھەممەت 1978- يىلى 87 يىشىدا ئالامدىن ئوتكەندىن كېيىن تىۋىبە ساھىپخان تۇردى مۇھەممەت يىتىم قىلىپ غىرىپچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن كېيىن ئاچىسى مەينىگارخان ،خەدىچىنىيازخاننىڭ تەربىيلىشىدە ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىرىيەسى، خام دورىلارنى تونۇش، مۇرەككەپ دورىلارنى ياساش،كېسەلنى تۇنۇپ دىئاگنوز قويۇش قاتارلىقلارنى داۋاملىق ئۆگىنىپ تەربىيەلەنگەن.بۇ جەرياندا ئاياللار كېسەللىكى،بالىلار كېسەللىكى،تېرە كېسەللىكى،يۈرەك قان تومۇر كېسەللىك ى،بەش ئەزا كېسەللىكى قاتارلىقلارنى تېرىشىپ ئۆگەنگەن،كېلىنىكا بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا ئابلىمىت يۇسۇپ ،ھېبىبۇللاخان ،مەينىگارخان ،باقى ئالىم تۇرسۇنتوختى،غۇجى باھاۋۇدۇن قاتارلىق مەشھۇر تىۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ نۇقتىلىق تەربىيلەنگەن .بۇلۇپمۇ ئابىلىمىت يۈسۈپدىن "تىببى ئەكبەر"، "ھازىق"،"ئەلقانۇن فىتتىب "قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى سىستىمىلىق ئۆگەنگەن. 1978-يىلىدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئىشلىگەن،تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئىشلەش جەريانىدا ئاق كېسەل ،بەھەق، كالا تەمرەتكىسى،بۆرەچاقىسى قاتارلىق جاھىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىپ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.1984-يىلىدىن1987-يىلغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىي تېخنىكومىدا ئۇقۇپ بىلىمىنى تېخىمۇ تاكمۇللاشتۇرغان.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىپ ،تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش بىلەن بىرگە بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، سەيلانى رەھمى ،بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلەرنىمۇ بىرلىكتە داۋالاپ ساقايتىپ كۆرۈنەرلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.1998-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ئاياللار كېسەللىكى بۇيىچە 6 ئايلىق تەربىيلىنىشكە قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاياللار كېسەللىكى بۆلۈمىدە بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە ئاياللار كېسەللىكىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان دورا رىتىسىپلىرىنى رەتلىگەن بۇلۇپمۇ بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ بوينى راكى، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش،داس بوشلىقى ياللۇغى،بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى يۆتكىلىش،تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆپ ئىشلىتىدىغان دورا نۇسخىلىرىنى رەتلەپ چىققان.ھەمدە 20پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان.خىزمەتكە قاتناشقان30 نەچچە يىلىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تبابەت خادىملىرىنى تەربىيەلەپ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان. 2014-يىلى 3-ئەۋلاد ئۇيغۇر تېبابەت ئاياللار كېسەللىكى دەرىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇيغۇر تىبابىتى ئوقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. تىۋىبە ساھىپخان تۇردى مۇھەممەت ئۇزۇن يىللىق داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەمىلىيىتى داۋامىدا دوختۇرخانىنى ئۆز ئائىلىسىدەك ،بىمارلارنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ ھەر مىللەت بىمارلىرىغا خۇشخۇي ،ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ بىمارلار ئويلىغاننى ئويلاپ ، بىمارلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ ئۇلارنىڭ دەردىگە داۋا رەنجىگە شىپالىق بەخش ئىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتقۇزغان ۋە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ تەھدىت ئازابىدىن ھايات شامى خىرەلىشىپ ئۈچەي دەپ قالغان نۇرغۇن بىمارلارنى داۋالاپ ،ئۇلارنىڭ ھايات شامىنى قايتىدىن ياندۇرۇپ ئۈزىنىڭ ئېسىل تىببىي ئەخلاق پەزىلىتى ئارقىلىق دەۋەر ئالدىدىكى ،خەلق ئالدىدىكى بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ ،ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە چوڭقۇر ھۆرمىتى رەھمىتىگە نائىل بولغان.نەتىجىدە ئۇنىڭ ياخشى نان شەرىپى قاراقۇم تېغىدىن ھالقىپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. ئۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا《بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى داۋالاش توغرىسىدا》《بالىياتقۇ بوينى راكىنى داۋالاش》《بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى داۋالاش》《تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنى داۋالاش》《تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنى داۋالاش》《بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى يۆتكۈلۈشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە ئۇنى داۋالاش》《داس بوشلىقى ياللۇغىنى داۋالاش توغرىسىدا》….قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالىلەرنى يېزىپ 《شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمى ژۇرنىلى》《ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ژۇرنىلى》قاتارلىقلاردا ئېلان قىلدۇرۇپ كەسىپداشلار ئارىسىدا يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. بارلىقىنى خەلقىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىشلىرىغا بېغىشلىغان تۆھپىكار تىۋىبە ساھىپخان ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنىپ تۇلۇپ تاشقان جاسارەت ،غەيرەت شىجائەت بىلەن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ ئۇيغۇر تىبابىتىدىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىلىك كاتتا ئىلىمنى ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن شاگىرت تەربىيلەپ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.ئۇ قىزىنى ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپ تەربىيىلەپ شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدا ئۇقۇتۇپ ئۆز كەسپىگە ۋارىسلىق قىلدۇردى.ھەمدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تبابەت خادىملىرىنى تەربىيەلەپ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشتى. تۆھپىكار ئۇستاز-ساھىپخان تۇردى مۇھەممەت ئۈزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىشلىرىغا بېغىشلاپ باسقان ئىزىدىن رەڭمۇرەڭ تۆھپە گۈللىرىنى كۆركەم ئېچىلدۇرغان بۇ مۇتەخەسىسىس خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ھەر مىللەت بىمارلىرىنى كۆرۈپ داۋالاپ ئۇلارنىڭ دەردىگە داۋا ، رەنجىگە شىپالىق بەخش ئىتىپ ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن كۆپرەك ھەسسە قۇشۇش يۇلىدا داۋاملىق تىرىشىپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ دۇنياۋىي ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يۇلىدا توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلىمەكتە يۇقىرىقى جەھەتلەردە ئۈلگە ھەم مۇھىم تۆھپىكار ئورۇننىڭ بىرى بولغان خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخۇرلىقى ۋە كۆڭۈل بۈلىشى بىلەن ئۇزاق يىل شۇغۇللانغان،ئەمىلى داۋالاش تەجرىبىسى مول بولغان 30 نەچچە نەپەر داڭلىق ھەكىم ۋە دورىگەرنىڭ جەم بولۇپ باش قوشۇپ ئىشلەپ ،پۇختا ئاساس سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك تەرەققىيات ۋە شەرەپلەرگە نائىل بۇلىشىغا ئۈزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان مۇتەخەسسىس ساھىپخان تۇردى مۇھەممەت ياش ۋاختىدىن تارتىپلا ئۈزىنىڭ زىھنى ۋە قان تەرىنى ئۇيغۇر تىبابىتى ئىشلىرىغا بېغىشلاپ كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك مۇتەخەسىسلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ ،ئۇلارنىڭ ھاسىسى بولۇپ ئۇلاردىن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ نەزىرىيەسى ۋە داۋالاش ئەمىلىيىتىنى ۋە دورىگەرلىك بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كۆپلىگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىغان ھەمدە ئەىلى داۋالاش ئىشلىرىدا قوللىنىپ نۇرغۇن بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتىپ ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن. ساھىپخان تۇردى مۇھەممەت خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدائىشلەش جەريانىدا ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ كىسىلىنى داۋالاش ،ساقلىقىنى ساقلاش، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. ساھىپخان تۇردى مۇھەممەت 30 نەچچە يىللىق تىبابەتچىلىك ھاياتىدا ئاياللار كېسەللىكلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ،تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ مول داۋالاش تەجرىبىلىرىنى توپلاپ بىر قەدەر يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىرىشىپ ،ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى دۆلەتنىڭ 《11-بەش يىللىق پىلانى》دىكى پەن تېخنىكىنى تېرەك قىلىش تۈرى بولغان《مىللى تىبابەتچىلىك –دورىگەرلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تەتقىقاتى 》تۈرىگە ئاساسەن پېشقەدەم ساھىپخان تۇردى مۇھەممەتنىڭ ئىلمى ئىدىيەسى ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىگە قارىتا قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ،ساھىپخان تۇردى مۇھەممەتنىڭ ئىلمى ئىدىيەسى ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىگە قارىتا قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ ساھىپخان تۇردى مۇھەممەتنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى بىر قاتار نەزىرىيە ،داۋالاش پىرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئايالار كىسەللىگى كىتاپنى تۈزۈپ چىقىلدى شىجائەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئۇستازى تېۋىبە ساھىپخان تۇردىمۇھەممەت قىرىق نەچچە يىللىق ئۇيغۇر تېبابىتى كىلىنىكا ئەمىلىيتى داۋامىدا ،كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە مول تەجىربىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .ئۇ بەدەندە يۈز بەرگەن تۈرلۈك كېسەللىكلەر يۈرەكتىكى قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ،كىلىنكىدا كېسەللىكلەرنى داۋالىغاندا ئەسلى كېسەللىكنى داۋالاش بىلەن بىرگە ،يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش،تەڭشەش مەقسىتىدە يۈرەككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتىخەسىسى ئۇستاز تېۋىبە ساھىپخان تۇردى مۇھەممەت كېسەللىكنى تونۇش ۋە داۋالاشتا مول تەجىربىگە ئىگە بولۇپ،ئۇ بەدەندە يۈز بەرگەن ھەرخىل كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا يۈرەكتىكى قۇۋۋىتى ھايۋانى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايدۇ.قۇۋۋىتى ھايۋانى بولسا بارلىق ھاياتلىق پائالىيتىنىڭ ئاساسى ،ئۇ يۈرەكنىڭ قىسقىراش كېڭىيىش ھەرىكىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ھەم بۇ ئارقىلىق ئورگانىزىمدا قان ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا روھ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.قۇۋۋىتى ھايۋانى يۈرەكنى مەركەز قىلغان روھى ھايۋانىينىڭ تۈرتكىسىدە قوزغۇلۇپ يۈرەكنىڭ ھەرىكىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ،شۇڭا پۈتۈن بەدەننىڭ تىرىكلىكى مۇشۇ قۇۋۋەتكە باغلىق بولۇپ ئۇ ئىنساننىڭ ھاياتلىق پائالىيتىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ ھەمدە پۈتۈن بەدەنگە روھ يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق بەدەندىكى ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق تۈزۈلۈشلەرنى كونترۇل قىلىپ تۇرىدۇ.شۇنىڭدەك قۇۋۋىتى ھايۋانى بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنىش مەنبىيى بولۇپ، بارلىق قۇۋۋەتلەر قۇۋۋىتى ھايۋانى مەۋجۇت بولغاندىلا مەۋجۇت بولۇپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.ھامىلدارلىقنىڭ 4- ھەپتىسىدە يۈرەك شەكىللىنىپ يۈرەكنىڭ ئىنقىباز ۋە ئىنسىبات ھەركىتىدىن شەكىلنىپ، يۈرەك سوقۇشقا باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن روھى ھايۋانىينىڭ تۇرتكىسىدە ئەزلار تىز سۇرەتتە يېتىلىشكە باشلايدۇ. روھى ھايۋانىينىڭ تۇۈرتكىسىدە قۇۋىتى ھايۋانى شەكىللىنىدۇ،روھى تەبىئىينىڭ تەسىردە قۇۋۋىتى تەبىئى شەكىللىنىپ ،خىلىتلارنىڭ سەرىپ قىلنىشى بىلەن ئەزا توقۇلما ھۈجەيرىلەرنىڭ نۇرمال خىزمەت پالىيتىنى بارلىققا كەلتۇۈردۇ . شۇڭلاشقا كېسەللەرنى داۋالىغاندا ئەسلى كېسەلنى داۋالاش بىلەن بىرگە روھى ھايۋانىنى ئۇرغۇتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىپ، ئەزالارنىڭ قان بىلەن تەمىلىنىشىنى ياخشىلايدىغان دورىلار ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلىپ،پىسخىكىدىكى چېچىلاڭغۇلۇق،بىئاراملىق،تەپەككۈرنىڭ بۇزۇلۇشى،ئۇيقۇسىزلىق ،ئىچى تىتىلداش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىمۇ داۋالاپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. تۆۋەندە بىز شىجائەتلىك تېبابەت ئۇستازى تېۋىبە ساھىپخان تۇردى مۇھەمەتنىڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاش تەجىربىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز . 1.كېسەلنى داۋالاش جەريانىدا كېسەللىك تۈرىنى ئىنچىكە ئايرىپ، ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈرۈپ، توغرا دىئاگنوز قويۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن .بۇ جەھەتتە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى خىلىتقا قارىتا كېسەل پەيدا قىلغۇچى خىلىتنى تېپىپ چىقىپ كېسەللىك ماددىسىنى پىشۇرغۇچى، روھنى ئۇرغۇتقۇچى ،كېسەللەنگەن ئەزانىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە پىسخىكىلىق داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ .بىمارغا مۇنزىچ ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتتىن باشلاپ روھنى ئۇرغۇتىدىغان دورىلارنى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بەرگەندە (مەسىلەن :ئەبرىشىم شەربىتى،خېمىرى مەرۋايىت،سۇمبۇل شەربىتى ،مۇپەررىھى ياقۇتى،بادرەنجى بۇيا شەربىتى قاتارلىق دورىلارنى بەرگەندە ) يۈرەكنىڭ ئىنقىباس ۋە ئىنسىبات قىسقىرىش -كىڭىيىش كۈچىنى كۈچەيتىپ يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمنلىنىشىنى ياخشىلاشتىن سىرت، كېسەللەنگەن ئەزادىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ،توقۇلما ھۈجەيرىلەرنىڭ نۇرمال خىزمەت پائالىيتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ داۋالاش ئۈنۈمىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ كەلگەن. 2.بىمارنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك ماددىسى پىشقانغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن بىمارغا قارىتا كېسەللىك ماددىسنى سۈرۈپ چىقىرىش مەقسىتىدە مۇسھىل بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.مۇسھىل بېرىش جەريانىدا بىمارنىڭ بەدىنىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى،بىمارنىڭ ياش ئالاھىدىكىنى ئېنىق ئايرىپ،بەدىنى كۈچلۈك بىمارلارغا نىسبەتەن كېسەللىك ماددىسىنى سۈرۈش مەقسىتىدە مۇناسىپ سۈرگۈ بېرىپ،بەدىنى ئاجىز بىمارلارغا قارىتا سۈرگۈ بەرمەي مۇۋاپىق مۇلەييىنات دورىلار ئارقىلىق بىمارنىڭ مىزاجىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ياشتا بەك كىچىك ياكى بەك چوڭ بولسا كۈچلۈك مۇسھىللارنى بەرمەستىن بۇ خىلدىكى بىمارلارغا قارىتا يەڭگىل سۈرگۈ دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىنچىكلىك بىلەن كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. 3.ئۇيغۇر تېبابەت خام دورىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ،ئۇستاز ساھىپخان تۇردىمۇھەممەت كىچىكىدىن تارتىپ ئۇستازى ۋە دادىسى تۇردى مۇھەممەتدىن ئۇيغۇر تېبابەت خام دورىلىرىنى تونۇش،تەبىئىيتىنى ئايرىش خۇسۇسىيتى توغرىسىدا تەلىم ئالغان ،40نەچچە يىللىق ئۇيغۇر تىبابەر خام دورىلىرىنى ئىشلىتىش داۋامىدا ئۆزگىچە خاس يول تۇتقان بولۇپ ،بىر قىسىم جىددى كېسەللىكلەرگىمۇ بىر قانچە خىل خام دورىلارنى بېرىش بىلەنلا داۋالاپ ساقايتىدۇ،مەسىلەن:جىددى خاراكتىرلىك بۆرەك سانجىقى تۇتقاندا بەدىيان،رۇم بادىيان،قوغۇن ئۇرىقى،ئوغرى تىكەن،خوڭگا ئۇرىقى،شوخلا،پوستى خەشخاش،گۈل بىنەپشە،قىزىلگۈل قاتارلىق دورىلاردا كاشكاپ تەييارلاپ ئىچىشكە بىرىپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ،راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى ئۇيقۇسىزلىققا بادرەنجى بۇيا،بادىيان،رۇم بادىيان،لىچىندانە،بادام مىغىزى،قاپاق مىغىزى،خۇڭگا ئۇرۇقى مىغىزى قاتارلىقلاردا چايلىق تەييارلاپ بىرىپ تىزلا ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدۇ،ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن بابۇنە ،ئىككىلىمىلىك،شوخلا،ئۇچقۇر پاقا،بەزرۇلبەنجى،تۇخۇمى خەشخاش،پوستى خەشخاش،گۈل بىنەپشە،شۇمشا ئۇرۇقى،ئىسپىغۇل،ئارپا،گۈل يېغى قاتارلىق دورىلاردا زىمات تىڭىپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ .ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا گۈل بىنەپشە بىلەن تەمرى ھىندىنى دەملەپ بىرىپ قىزىتما پەسەيتىدۇ. ھامىلدارلىقتىكى قۇسۇشقا لىچىندانە،بەدىيان،رۇم بادىيان،پىننە ،قاقىلە قاتارلىق دورىلار بىلەن چايلىق تەييارلاپ بىرىپ ھامىلدارلىقتىكى قۇسۇشنى توختىتىدۇ.......قاتارلىقلار. 4.كېسەلگە قاراپ داۋالاش لاھىيسى تۈزىدۇ. ئۇستاز ساھىپخان تۇردىمۇھەممەت كېسەل كۆرگەندە ۋە داۋالىغاندا كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلى ئىگىلەپ،ھەربىر كېسەلگە قارىتا ئوخشىمىغان داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.ئۇ كېسەللىكلەرگە داۋالاش ئېلىپ بارغاندا شۇ ئادەمنىڭ يېشى ،جىنسى ،مىزاجى،ياشىغان مۇھىتى،يىمەك-ئىچمەك ئادىتى،كېسەل بولغان پەسىل ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئويلىشىپ،كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى،تەرەققىيات ئۆزگىرىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ داۋالاش لاھىيسىنى تۈزىدۇ ھەمدە شۇ بويىچە داۋالايدۇ. قىسقىسى يۇقىرقىدەك كېسەل داۋالاش تەجىربىلىرى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ كېسەللىكلەرگە دىياگنۇز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قىلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش،كېسەللىك دىياگنۇزىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. . تېخىمۇ كۆپ

كەسپى ھايات ئىزنالىرى

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى

ئالاھىدە رېتسىپلار

ئىز باسارلار

گۈلشەن ئىبراھىم

گۈلشەن ئىبراھىم- ئۇيغۇر، ئايال، مۇدىر ۋىراچ، 1968-يىلى 8-ئايدا كېرىيە ناھىيەسىدە زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كېرىيە ناھىيسىدە ئوقۇپ 1984-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك تىببىي تېخنىكوم ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىدە ئۇقۇغان. 1987-يىلى 9-ئايدا كېرىيە ناھىيلىك ئويغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە چىقىپ، پىشقەدەم تىۋىپ ئوسمان قۇدۇق، ئابدىقادىر مەستىق قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىچكى كېسەل ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى بويىچە تەربىيلەنگەن. 1995-يىلى 10-ئايدا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسغا كىلىپ، ئاياللار كېسەللىكى بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 2007-يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق جوڭيى دوختۇرخانىسىدا ئالاھىدە تايانىچلارنى تەربىيلەش بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 2009-يىلى ئاياللار كېسەللىكى مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانىنى ئالغان. 2014-يىلى ئاياللار كىسەللىكى مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانىنى ئالغان. خىزمەت جەريانىدا ھەرخىل پەن-تېخنىكا ئىگىرلەش مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. دۇنيا جوڭيى تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك جەمىيىتىنىڭ كەڭەشمە ئەزاسى، مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق جوڭيى-مىللىي تىبابەتچىلىك مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دورىگەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسىسى بولۇپ. ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى كەسپى بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ داۋالاش ھەم كەسپى خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. گۈلشەن ئىبراھىم كەسپى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە دوختۇرخانىمىزنىڭ ئىشچىلارئويۇشمىسى خىزمىتى، ئاياللار خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 8-مارت قىزىل بايراقدارى، مەدىنىيەتلىك ئائىلە شەرەپنامىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ياشلار پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى قاتارلىق شان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئېرىشكەن ئۈنۋانلىرى

ئايىمنىسا ئېزىز

ئايىمنىسا ئېزىز1969-يىلى 1-ئاينىڭ23-كۈنى خوتەن شەھىرىدە ھۈنەرۋەن ئائلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇغان،1988-يىلى دىن 1992-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومىنىڭ داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان.ئوقۇش داۋامىدا ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ئابدۇلھەمىد يۈسۈپنى ئۇستاز تۇتۇپ ئوردو تىلى،پارىس تىلىنى پىششىق ئۈگەنگەن.1992-يىلىدىن باشلاپ خوتەن ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىدە پىشقەدەم تېۋىپلاردىن ساھىپخان تۇردىمۇھەممەتنى ئۇستاز تۇتۇپ ئىشلىگەن ۋە ئاياللار كېسەللىكى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان .بۇ جەرياندائۇستازى بىلەن بىرلىشىپ تېما تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ «بالىياتقۇ زىدىسىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش»،«137نەپەر بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى مۇنزىچ-مۇسھىل دورىلىرى بىلەن داۋالاشتىن دوكلات »،«97 نەپەربىماردىكى تۇربا يولى خالتىلىق ئىششۇقىنى مۇنزىچ-مۇسھىل دورىلىرى بىلەن داۋالاشتىن دوكلات»،«135نەپەر بىماردىكى بالىياتقۇ راكىنى داۋالاشتىن دوكلات»«سۈت بېزى غەيرى ئۆسۇش كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاشتىن دوكلات»... قاتارلىق 35پارچىدىن ئارتۇق تەتقىقات ماقالىسى دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق تىببىي يورناللاردا ئېلان قىلىنغان، ئالتە پارچەماقالىسى «خەلقارا ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى»غا قاتناشتۇرۇلۇپ ئىككى پارچە ماقالىسى 1 -ۋە،3-دەرىجىگە ئېرىشكەن. تۆت پارچە ماقالىسى ئالماشتۇرۇلغان.«ئاياللاركېسەللىكىنى.داۋالاشتىن1000رېتىسىپ»دىگەن كىتابى نەشىر قىلىنغان.ھازىر خوتەن ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئاياللار بۇلۇمدە مۇئاۋېن مۇدىر ۋىراچ ۋەزىپىسى بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ. ئېرىشكەن ئۈنۋانلىرى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ساقلىق ساقلاش قائىدىلىرىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش-ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىگى، بەدىنىنىڭ كۈچلۈك بولىشى ۋە كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ساقلىق ساقلاش قائىدىلىرىگە رېئايە قىلىپ، كېسەل پەيدا بۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋاقتىدا كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللۇنۇش، كېسەل پەيدا بۇلۇشتىن ئېھتىيات قىلىش، كېسەللىك يۈز بەرگەندە ۋاقتىدا داۋالىنىش زۆرۈر. مىزاج ياخشى بولۇش-كېسەللىكتىن ساقلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ھەر كىم ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە بەدەن نورماللىقىنى ساقلاشقا تىرىشىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەزالارنىڭ تۈزۈلىشى ۋە خىزمەت پائالىيەتلىرى نورمال بولۇشى، ئۇنىڭدىن كىيىن تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان ساقلىق ساقلاش زۈرۈرىيەتلىرىنى يەنى ھاۋا، سۇ، يىمەك- ئىچمەك، ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق، ئارام ئېلىش ۋە ھەركەت قىلىش، چىقىرىش ۋە توختۇتۇپ قېلىشنى ياخشى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلىش كېرەك. بۇ ئالتە خىل شەرتنىڭ بىرەرسىگە تولۇق رېئايە قىلىنمىسا، يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ساقلىق ساقلاش زۈرۈرىيەتلىرى ئىنسانلارنىڭ ھايات پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى بولۇپ، ئۇلارسىز ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش، ساغلام ياشاپ، ئوزۇن ئۆمۈر كۆرۈش تەسىرگە ئۇچرايدۇ.