logo

قىسقىچە تارىخى

مەمتىمىن ئېلى –ئېلىخان ئوغلى، ئەر، ئۇيغۇر، 58ياش، 1957-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە تىۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1964-يىلغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 1974-يىلى 7-ئايغىچە تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1974-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتنىشىپ، 1976-يىلغىچە شاگىرىت تىۋىپ بۇلۇپ ئىشلىگەن. 1976-يىلدىن 1978-يىلغىچە خوتەن تىببى تېخنىكومىدا ئېچىلغان، تۇنجى قارار ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ خوتەن ئيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتۇرىيەسىدە دادىسىغا شاگىرىت بۇلۇپ كىسەل كۈرۈشكە قويۇلغان. ئېلىخان (مەشھۇر ئۇيغۇر تىبابەتمۇدىر ۋىراچ تىۋىپ)نى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەزىرىيەۋى بىىملىر بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نەزىرىيەۋى ئاساسى، دورىگەرلىك ئىلمى، دىئاگىنوز ئىلمى قاتارلىق نەزىرىيەۋى بىلىملىرىنى پۇختا ئۆگۈنۈپ، دادىسىنىڭ كىسەل كۆرۈش، دىئاگىنوز قويۇش، داۋالاش، دورا ئىشلىتىش جەھەتلەردىكى ئەمەلىي تەجىربىلرىنى مۇكەممەل ئىگەللەپ مۇستەقىل خىزمەت ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگەن، دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەسىدە كىسەل كۆرۈش، داۋالاش خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا 1982-يىلى فىلتشىر تىۋىپ، 1988-يىلى ۋىراچ تىۋىپ، 1994-يىلى باش ۋىراچ تىۋىپ، 2001-يىلى مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ تىۋىپ، 2006-يىلى مۇدىر ۋىراچ تۋىپ، 2012-يىلى ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومى تەكلىپلىك پرافىسسور، 2012-يىلى دۆلەتلىك جۇڭيى مىللى تىبابەتچىلىك باش ئورگىنى تەرىپىدىن ئۇستاز يىتەكچى ...قاتارلىق تېخنىكا ئۇنۋان ۋە شەرەپلەرگە ئىرىشكەن. 1979-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ئامبۇلاتورىيە ۋە كىلىنكا بۈلۈملىرىدە بۈلۈم مۇدىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئىشلىەەن. بۇ جەرياندا داۋالىغان، يىتەكچىلىك قىلغان، تەتقىق قىلغان كىسەللىكلەرنى خۇلاسىلاپ«ئاشقازان تۈەنلەش ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدا تەجرىبە»، «قوتۇر كىسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش تەجرىبىسى»، «دىئابىتنى ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيىچە داۋالاش ئۇسۇلى»،« سەۋزىنىڭ شىپالىق رولى»، «قانداق كىسىلەر ۋىلىسپىت مىنسە بولمايدۇ«،« 100نەپەر قېتىش خارەكتىرلىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنى كىلىنكىدا داۋالاپ كۈزۈتۈشتىن دوكلات»، «50 نەپەر ئاشقازان تۈۋەنلەش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى كىلىنكىدا داۋالاپ كۈزۈتۈشتىن دوكلات»،« 100 نەپەر ئىسسىقتىن بولغان بوغۇم ياللۇغى كىسىلىنى داۋالاشتىن دوكلات»،«ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيىچە 32نەپەردىئابىت كىسىلى بىمارلىرىنى كىلىنكىدا داۋالاش ۋە كۈزىتىشتىن دوكلات» «10نەپەر ئىسسىقتىن بولغان كىچىك بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرىنى كىلىنكىدا كۈزۈتۈپ داۋالاشتىن دوكلات» «20نەپەر دائىرلىك چاچ چۈشۈش بىمارلارنى ئىچى ۋە سىرتىدىن بىرلەشتۈرۈپ دورا ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى كۆزۈتىشتىن دوكلات» «50نەپەر بىمارنىڭ كالا تەمرەتكىسىنى داۋالاش نەتىجىلىرىدىن دوكلات قىلىش»...قاتارلىق 12پارچە ماقالە يېزىپ دوكلات، ئاپتونۇم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك تىببى جەمىئەتنىڭ ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرى، تىببى ئىلمى زورناللىرىدا ئىلان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر پارچە ماقالىسى 2-قېتىملىق دۆلەتلىك مىللى تىبابەت دورىگرلىك ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنىدا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ۋە دۇنيا سەھىيەتەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان« WTHO»مونىكا مۇسابىقىسىدە پەن تېىنىكا ئىلەىرى سۈرۈش2-دەرىجىگە ئىرىشىپ مۇكاپاتلانغان. مەمتىمىن ئېلى كەسپىي جەھەتتىن يىتىلىش بىلەنلا چەكلنىپ قالماي، سىياسىي جەھەتتىمۇ تۇلۇق يىتىلگەن. 1976-يىلى جوڭگۇ كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا، 1980-يىلى 10-ئايدا جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيسىگە كىرگەن بۇلۇپ، بۇ جەرياندا ياچايكا ھەيئىتى، ياچايكا شۇجىسى، باش ياچايكا شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. جوڭگۇ شىنجاڭ مىللى تىبابەت ئىلمى جەمىئىتىگە ئەزا بولغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان. ئاپتوبوم رايونلۇق 5- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بۇلۇپ قاتناشقان. 1976-يىلى 8-ئايدىن 1978-يىلى 8- ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك تىببى تېخنىكومىنىڭ «ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش كەسپى» 1984-يىلى 10-ئايدىن11-ئايغىچە ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق مەكتىۋىدە «دىڭ شىياۋپىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆگۈنۈش كۇرۇسى» غا 1991-يىلى7-ئايدىن 8-ئايغىچە ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئاچقان «دوختۇرخانا باشقۇرۇش ئىلمى» ئۆگۈنۈشلىرىگە قاتنشىپ، ئىلىم تەھسل قىلغان ۋە پارىس، ئوردا تىللىرىدىكى تىببى ماتىرياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، خەنزۇ تىلىنى قىسمەن قوللىنىش قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرگەن. 1978-يىلى8-ئايدىن1979-يىلى1-ئايغىچە دورا تۇنۇش، دورا پىششىقلاپ ئشلەش تېخنىكا مەشغۇلات بىلەن قوللىنىپ، تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يىتەكلىشى بىلەن 450خىلدن ئارتۇق ئۆسۈملۈك، مەدەن، ھايۋاناتلاردن چىقىدىغان ھەرخىل دورىلارنى تۇنۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، تەشكىلنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. كەسپىي جەھەتتە سەۋەنلك كۈرۈلمىگەن. 1979-يىلى2-ئايدىن 1987-يىلى 12-ئايغىچە ئىچكى كىسەللىكلەر ساھەسىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ھەرخىل كىسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، دىئاگىنوز قويۇش، داۋالاش خىزمىتىنى مۇستەقىل ئىشلەش ئىقتىدارىنى يىتۈلدۈرۈپ بىمارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا تەشكىلنىڭ ئۇدا 9قېتم تەقدىرلىشىگە ئىرىشكەن. 1988-يىلى1-ئايدىن1990-يىلى12-ئايغىچەئيغۇر تىبابىتىدە دائىم ئۇچرايدىغان خەۋىپلىك، جىددى، ئېغىر كىسەللەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن كىلىنكا تەجرىبە ئارقىلىق مۇرەككەپ كىسەللەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مەشغۇلاتىغا بىۋاستە قاتنىشىپ مۇستەقىل ھالدا ھەر يىلى 5مىڭدىن ئارتۇق ھەرخىل تىپتىكى كىسەللەنى كۆرۈش، تەكشۈرۈش، دىئاگىنوز قويۇش، داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ئامبۇلاتورىيە شارائىتىدىكى ھەرقايسى بۈلۈملەرنىڭ داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش تېىنىكا مەشغۇلاتىداياخشى يىتەكچىلك قىلغان. يۈرەك-قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىشسېستىمىسىكىسەللىكلىرى، نەپەس يوللىرى كىسەللىكلىرى، چىقىرىشسىستىمىسىنىڭ كىسەللىكلىرى، سۆڭەك، بوغۇم، ھەرخىل سۆڭەك كىسەللىكلىرى، روھى ۋە ئەسەىي كىسەللىكلەر، تىرە، تاناسىل كىسەللىكلىرى ئۈستىدە نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مول ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلغان ۋە يۇقىرى دەرىجىىلىك سەھىيە مەمۇرى باشقۇرۇش تارىخى ۋە دوختۇرخانا چۈشۈرگەن ھەرخىل داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ۋەزىپە كۆرسەتكۈچلىرىنى سان، سۈپەت جەھەتتىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ 2قېىم ئىلغا كوللىكتىپ، 3قېتىم ئىلغار شەخس بۇلۇپ باھالىنىپ، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەقدىرلىنىش بىلەن دوختۇرخانىمىز ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرگەن. 1991-يىلى1-ئايدىن ھازرغىچە 24-يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى ۋە دەۋالاش تېخنىكا مەشغۇلات داۋامىدا توپلىغان تەجرىبە ۋە ھازىرقى زامان تىببى ئىلمىدا بارلىققا كەلگەن داۋالاش يېڭىلىقلىرىنى قۇبۇل قىلىش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەر يىلى 6مىڭدىن ئارتۇق ھەرىىل كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈستدە ترىش ئىزدىنىپ، ئەمىلى تەتقىقات ئېلىپ ېبرىپ، ئەنئەنۋى داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن زامانىۋى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى زىچبىرلەشتۈرۈپ مۇستەقىل ھالدا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، كۆپ خىل كىسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈپ ئالاھىدە كۆزگە كۈرۈندى. مەمتىمىن ئېلى ئاخشىمى كەچ ئۇىلاش، كۈندۈزى ئۇىلىماسلىق، يىمەك-ئىچمەكتە ئېھتىياجغا قاراپ تەرتىپلىك بۇلۇش، تاماق تاللىماسلىق، ۋقىتنى چىڭ تۇتۇپ ترىىپ ئىزدىنىشتەكتۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن. مىجەز-خۇلقى كەم سۆز ئەممە ئۇچۇق-يۇرۇق، چىقىشقاق، كىچىك پىئىل، ئۆگۈنۈشتە ھېرىسمەن، خۇسچاخچاق خۇسۇسىيىتىنى يىتىلدۈرگەن، خارەكتىرى جەھەتتە : ئېغىر بېسىق، سۇغۇققان بۇلۇپ جەمىئەت ۋە كەسىپداشلار ئارىسىدا ئىجابى تەسىر كۈچكە ئىگە. تۆھپىسى: ئۆسمۈر دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنى ئىگەللەش ۋە قوللىنىش ئۈستىدە توختاۋسىز ئىزدەنگەندىن باشقا مىللى تىبابەتچىلىك بىلەن شوغۇللانغان. 38يىلدىن بىرى يەرلىك تىبابەتچىلىك ۋە يەرلىك دورا ئۆسۈملىكلىرى نۇسخىلىرىنى توپلاش، رەتلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە ھەسسە قوشقان. 35پارچە ئىلمى ماقالىسى ۋە تەجرىبە دوكلاتى يېزىپ چىقىپ، دۆلەت، ئۆلكە،ۋىلايەت دەرىجىلىك تىببى جەمىئەتنىڭ ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتناشتۇرۇپ تەجرىبە ئالماشتۇرغان ۋە ئىلمى زۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. ئۇيغۇر تىبابەت مەشھۇر تىۋىپلىرىنىڭ رىتسىپلىرى توپلىمىغا ئاتورلۇققا تاللنىپ تەخسىم قىلىنغان. دورا بىلىمى ساھەسىدە: ئىچكى كىسەللىك تېىنىك سەۋىيەسى ئۈستۈن.ئاساسلىق داۋالايدىغان كىسەللىكلرى: يۈرەك-قان تۇمۇر كىسەللىكى، ھەزىم قىلىش سېستىما كىسەللىكلىرى، نەپەس يولى كىسەللىكلرى، چىقىرش سىستىما كىسەللىكلىرى، سۆڭەك، بوغۇم، ھەخىل ئۆسمە كىسەللىكلىرى، روھى-ئەسەبى كىسەللىكلىرى، تىرە، تاناسىل كىسەللىكلىر جەھەتتە كۆزگە كۈرۈنگەن ئالاھىدىلىككە ئىگە. يازغان ئەسەرلىرى: «قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى ۋە يارىسى، ئاشقازان ياللۇغى ۋە يارىسى، 12بارماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە يارىسى، ئاشقازان تۈۋەنلەش كىسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى» تۇنۇشتۇرۇلغان 375بەتلىك كىتاب يېزىپ چىققان ھەمدە نەشىر قىلىش ئۈچۈن سەىيە نەشىرياتىغا تاپشۇرغان. بۇ كىتاب يېقىندا نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ

كەسپى ھايات ئىزنالىرى

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى

ئالاھىدە رېتسىپلار

ئىز باسارلار

ئابلەت ئابدىخىلىل

ئابلەت ئابدىخىلىل، ئەر ، ئۇيغۇر ، 32ياش ، بالنىسىت ۋىراچ، 1984- يىلى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى لوپ ناھىيسى سامپۇل يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1991- يىلىدىن 1999- يىلغىچە لوپ ناھىيسىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 2002-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇغان. 2006-يىلى7-ئايدىن 2008-يىلى 12-ئايغىچە لوپ ناھىيە ناۋا يېزىلىق دوختۇرخانا ئۇيغۇر تىبابەت بۈلىمىدە ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيىچە داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.2008-يىلى 12-ئايدا كەسپىي ئۇرۇنلارغا كادىر تۇلۇقلارش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان . خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن 2008-يىلى 12-ئايدىن 2009-يىلى112-ئايغىچە فىزىكىلىق داۋالاش بۈلىمىدە داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ، 2009-يىلى 12-ئايدىن 2012-يىلى12-ئايغىچە نىرۋا-سۈيدۈك ئىچكى ئاجراتما كىسەللىكى بۆلۈمىدە بالىنىسىت ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2012-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە دوختۇرخانا رەھبەرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن بۆرەك-دىئابىت ( ئەسلىدىكى نىرۋا سۈيدۈك ئىچىكى ئاجراتما كېسەللىكلەر بۈلۈمى ئاساسىدا قۇرۇلغان )كىسەللىكلىرى بۈلۈمىدە پىشقەدەم ئۇستاز، بۆلۈم مۇدىرى مەمتىمىن ئېلى دوختۇر نىڭ يىتەكچىلىكىدە مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مەخسۇس كىسەللىكلىرىدىن ھەرخىل سەۋەپلەردىن كىلىپ چىققان دىئابىت ، باش ئاغرىقلىرى،تۇتقاقلىق كېسەللىكلەر، ئەرلەر تاناسىل ئەزا كىسەللىكلىرىدىن بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىق، ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇقدان ۋىناسى كۆپۈشۈش كىسەللىكلىرىنى تۇنۇش، دىئاگىنوز قويۇش ۋە داۋالاش خىزمەتلىرى بىلەن، سۈيدۈك سېستىمىسى كىسەللىكلىرىدىن دوۋساق ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، مەزىبېزى ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى تۇنۇش، دىئاگىنوز قويۇش، داۋالاش خىزمەتلىرى بىلەن شوغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئۆزلۈكسىز بۈلۈم مۇدىرىدىن تەلىم ئېلىپ بىلىمىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەن. ھەمدە مەزكۇر بۈلۈمدە مەخسۇس ئۇرۇقدان ئىششىقى كىسەللىكى ۋە باھ ئاجىزلىقى كىسەللىكلىرىگە مەسئۇل بۇلۇپ مەخسۇس داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللۇنۇپ كەلمەكتە.

ئابدۇقەييۇم ئىمىن

ئابدۇقەييۇم ئىمىن، بالنىسىت ۋىراچ، 1987- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى خوتەن شەھرىدە تۇغۇلغان. 1993- يىلىدىن 2005- يىلغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 2005-يىلىدىن 2009-يىلغىچە خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت ئالي تېخنىكومىدا ئوقۇغان. 2010-يىلى1-ئايدىن 2012-يىلى 3-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش بۈلۈمىدە شاخەك قويۇپ داۋالاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش، دورىلىق ھورداق بىلەن داۋالاش..قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شوغۇللانغان. 2012-يىلى3-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش بالنىسىت بۈلۈمى قۇرۇلغاندىن كىيىن، مەزكۇر بۈلۈمدە بالنست شارائىتىدا بۈلۈم مۇدىرى ئەرشدىن دوختۇرنىڭ يىتەكچىلىكىدە مىڭە تىقىلمىسى، مىڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان پالەچلىك، يارتا پالەچ، ئۇمۇمى بەدەن پالەچلىكى، مۈرە ئەتراپ ياللۇغى، بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش، بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش، بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى بۆرىتىپ چىقىش، تىز بوغۇم كىسەللىكلىرى، بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىق كىسەللىكلەرنى تۇنۇش، دىئاگىنوز قويۇش ھەمدە داۋالاش خىزمەتلىرى بىلەن شوغۇللانغان. 2014-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ بۆرەك-دىئابىت كىسەللىكلىرى بۈلۈمىدە پىشقەدەم ئۇستاز، بۈلۈم مۇدىرى مەمتىمىن ئېلى دوختۇرنىڭ يىتەكچىلىكىدە مەزكۇر بۈلۈمنىڭ مەخسۇس كىسەللىكلىرىدىن ھەرخىل سەۋەپلەردىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىقلىرى، ئەرلەر تاناسىل ئەزا كىسەللىكلىرىدىن بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىق، ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇقدان ۋىناسى كۆپۈشۈش كىسەللىكلىرىنى تۇنۇش، دىئاگىنوز قويۇش ۋە داۋالاش خىزمەتلىرى بىلەن، دىئابىت، سۈيدۈك سېستىمىسى كىسەللىكلىرىدىن دوۋساق ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، مەزىبېزى ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى تۇنۇش، دىئاگىنوز قويۇش، داۋالاش خىزمەتلىرى بىلەن شوغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئۆزلۈكسىز بۈلۈم مۇدىرىدىن تەلىم ئېلىپ بىلىمىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەن. ھەمدە مەزكۇر بۈلۈمدە مەخسۇس بۆرك تاش چۈشۈش كىسەللىكى ۋە بۆرەك سۇ چۈشۈش كىسەللىكلىرىگە مەسئۇل بۇلۇپ مەخسۇس داۋالاش ئىشلىرى بىەن شوغۇللۇنۇپ كەلمەكتە.